
ixxan/mms-tts-uig-script_arabic-UQSpeech
Text-to-Audio
•
0.0B
•
Updated
•
85
•
2
path
audioduration (s) 0.65
10
| sentence
stringlengths 3
144
|
---|---|
بىرىنچى سۈرە سۈرە فاتىھە
|
|
مەككىدە نازىل بولغان يەتتە ئايەت
|
|
ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن
|
|
جىمى ھەمدۇسانا ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھقا خاستۇر
|
|
ئاللاھ ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىباندۇر
|
|
قىيامەت كۈنىنىڭ ئىگىسىدۇر
|
|
رەببىمىز ساڭىلا ئىبادەت قىلىمىز ۋە سەندىنلا ياردەم تىلەيمىز
|
|
بىزنى توغرا يولغا باشلىغىن
|
|
غەزىۋىڭگە يولۇققانلارنىڭ ۋە ئازغانلارنىڭ يولىغا ئەمەس سەن ئىنئام قىلغانلارنىڭ يولىغا باشلىغىن
|
|
ئىككىنچى سۈرە سۈرە بەقەرە مەدىنىدە نازىل بولغان ئىككى يۈز سەكسەن ئالتە ئايەت
|
|
ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن
|
|
ئەلىف لام مىم
|
|
بۇ كىتاپتا يەنى بۇ قۇرئاندا ھېچ شەك يوق ئۇ تەقۋادارلارغا يېتەكچىدۇر
|
|
ئۇلار غەيپكە ئىشىنىدۇ نامازنى ئادا قىلىدۇ ئۇلار بىز بەرگەن مالمۈلۈكتىن خۇدا يولىدا سەرپ قىلىدۇ
|
|
ئۇلار ساڭا نازىل قىلىنغان كىتاپقا
|
|
سەندىن ئىلگىرىكى پەيغەمبەرلەرگە نازىل قىلىنغان كىتاپلارغا ئىشىنىدۇ ۋە ئاخىرەتكە شەكسىز ئىشىنىدۇ
|
|
ئەنە شۇلار پەرۋەردىگارىنىڭ توغرا يولىدا بولغۇچىلاردۇر ئەنە شۇلار بەختكە ئېرىشكۈچىلەردۇر
|
|
شۈبھىسىزكى كاپىرلارنى ئاگاھلاندۇرامسەن ئاگاھلاندۇرمامسەن بەرىبىر ئۇلار ئىمان ئېيتمايدۇ
|
|
ئاللاھ ئۇلارنىڭ دىللىرىنى ۋە قۇلاقلىرىنى پېچەتلىۋەتكەن ئىماننىڭ نۇرى كىرمەيدۇ
|
|
ئۇلارنىڭ كۆزلىرى پەردىلەنگەن
|
|
ھەقىقەتنى كۆرمەيدۇ ئۇلار ئاخىرەتتە قاتتىق ئازاپقا دۇچار بولىدۇ
|
|
كىشىلەر ئارىسىدا ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىشەندۇق دېگۈچىلەر بار
|
|
ھەقىقەتتە ئۇلار ئىشەنمەيدۇ يەنى ئاغىزىدا ئىشەندۇق دېگىنى بىلەن كۆڭلىدە ئىشەنمەيدۇ
|
|
ئۇلار ئاللاھنى ۋە مۆمىنلەرنى ئالدىماقچى بولىدۇ
|
|
ھەقىقەتتە ئۇلار تۇيماستىن ئۆزلىرىنىلا ئالدايدۇ
|
|
ئۇلارنىڭ دىللىرىدا كېسەل بار يەنى مۇناپىغلىق ۋە شەكلىنىش بار ئاللاھ ئۇلارنىڭ كېسىلىنى كۈچەيتىۋەتتى
|
|
يالغان سۆزلىگەنلىكلىرى ئۈچۈن ئۇلار قاتتىق ئازاپقا دۇچار بولىدۇ
|
|
يەنى يالغاندىن ئىماننى دەۋا قىلغانلىقلىرى
|
|
ۋە ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى مەسخىرە قىلغانلىقلىرى ئۈچۈن ئۇلار قاتتىق ئازاپقا دۇچار بولىدۇ
|
|
ئۇلارغا يەر يۈزىدە بۇزغۇنچىلىق قىلماڭلار دېيىلسە بىز ئىسلاھ قىلغۇچىلارمىز دەيدۇ
|
|
بىلىڭلاركى ئۇلار ھەقىقەتەن بۇزغۇنچىلاردۇر
|
|
لېكىن بۇنى ئۆزلىرى تۇيمايدۇ
|
|
ئۇلارغا يەنى ئۇ مۇناپىقلارغا ئىمان ئېيتقان كىشىلەردەك ئىمان ئېيتىڭلار دېيىلسە
|
|
يەنى ساھابىلەردەك چىن كۆڭلۈڭلار بىلەن ئىمان ئېيتىڭلار دېيىلسە
|
|
بىز ئىمان ئېيتقان ئەخمەقلەرگە ئوخشاش ئىمان ئېيتامدۇق دەيدۇ
|
|
بىلىڭلاركى ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىلا ئەخمەقلەر لېكىن بۇنى ئۇلار تۇيمايدۇ
|
|
ئۇلار مۆمىنلەر بىلەن ئۇچراشقىنىدا بىز ئىمان ئېيتتۇق دېيىشىدۇ
|
|
شاياتۇنلىرى بىلەن يالغۇز جايدا تېپىشقاندا بولسا يەنى مۇناپىق كاتىۋاشلىرى بىلەن يالغۇز جايدا تېپىشقاندا بولسا
|
|
بىز ھەقىقەتەن سىلەر بىلەن بىللىمىز
|
|
پەقەت تىلىمىزنىڭ ئۇچىدىلا ئىمان ئېيتىپ قويۇپ مۆمىنلەرنى مەسخىرە قىلىمىز دەيدۇ
|
|
مەسخىرە قىلغانلىقلىرى ئۈچۈن ئاللاھ ئۇلارنى جازالايدۇ
|
|
ئۇلارنى گۇمراھلىقلىرىدا قويۇپ بېرىدۇكى ئۇلار تېڭرىقىغان ھالدا يۈرۈشىدۇ
|
|
ئەنە شۇلار ھىدايەتنى بېرىپ گۇمراھلىقنى ئالدى
|
|
شۇڭا سودىسى پايدا كەلتۈرمىدى ئۇلار ھىدايەت تاپقۇچى بولمىدى
|
|
ئۇلار گوياكى كېچىدە ئىسسىنىش ۋە يورۇغلۇق ئېلىش ئۈچۈن ئوت ياققان كىشىلەرگە ئوخشايدۇ
|
|
ئوت ئۇلارنىڭ ئەتراپىنى يورۇتقاندا ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئوتىنىڭ يورۇقىنى ئۆچۈرۈۋەتتى
|
|
ئۇلارنى ئەتراپىدىكى ھېچ نەرسىنى كۆرەلمەيدىغان قاراڭغۇلۇقتا قالدۇردى
|
|
ئۇلار گاستۇر يەنى گاس ئاڭلىمىغاندەك ياخشىلىقنى ئاڭلىمايدۇ
|
|
گاچىدۇر يەنى گاچا سۆزلىيەلمىگەندەك ياخشى ئىشنى سۆزلىيەلمەيدۇ
|
|
كوردۇر يەنى كور بولۇپ قالغاندەك توغرا يولنى كۆرمەيدۇ
|
|
شۇڭا ئۇلار گۇمراھلىقتىن قايتمايدۇ
|
|
ياكى ئۇلار زۇلمەتلىك گۈلدۈرمامىلىق ۋە چاقماغلىق قاتتىق يامغۇردا قالغان
|
|
گويا چاقماق سوقۇۋېتىپ ئۆلۈپ كېتىشتىن قورقۇپ قۇلاقلىرىنى بارماقلىرى بىلەن ئېتىۋالغان كىشىلەرگە ئوخشايدۇ
|
|
ئاللاھ كافىرلارنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر يەنى ئۇلارنىڭ ھەممە ئەھۋالىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر
|
|
چاقماق چاققاندا ئۇلار كۆز نۇرىدىن ئايرىلىپ قالغىلى تاس قالىدۇ
|
|
ئۇلار چاقماق يورۇغىدا مېڭىۋالىدۇ
|
|
قاراڭغۇلۇق قاپلىغاندا تۇرۇپ قالىدۇ
|
|
ئاللاھ خالىسا ئىدى ئۇلارنى ئاڭلاش ۋە كۆرۈش قۇۋۋىتىدىن ئەلۋەتتە مەھرۇم قىلاتتى
|
|
ئاللاھ ھەقىقەتەن ھەر نەرسىگە قادىردۇر
|
|
ئەي ئىنسانلار
|
|
تەقۋادارلاردىن بولۇشۇڭلار ئۈچۈن سىلەرنى ۋە سىلەردىن بۇرۇنقىلارنى ياراتقان پەرۋەردىگارىڭلارغا ئىبادەت قىلىڭلار
|
|
يەنى سىلەرنى ۋە ئۆتكەنكى ئۈممەتلەرنى ياراتقان پەرۋەردىگارىڭلارغا ئىبادەت قىلىڭلار
|
|
ئاللاھ سىلەرگە زېمىننى تۆشەك ۋە ئاسماننى بىنا قىلىپ بەردى
|
|
يەنى ئاسماننى يۇلتۇزلارنىڭ زىچلىغىدا بىناغا ئوخشاش قىلىپ بەردى
|
|
بۇلۇتتىن يامغۇر ياغدۇرۇپ بەردى
|
|
سىلەرگە رىزىق بولۇش ئۈچۈن يامغۇر ئارقىلىق تۈرلۈك مېۋىلەرنى ئۆستۈرۈپ بەردى
|
|
ئەمدى ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرمەڭلار ھالبۇكى سىلەر ئاللاھنىڭ شېرىكى يوقلۇغىنى بىلىپ تۇرىسىلەر
|
|
بەندىمىزگە نازىل قىلغان قۇرئاندىن يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسالامغا نازىل قىلغان قۇرئاندىن شەكلەنسەڭلار
|
|
قۇرئانغا ئوخشاش بىر سۈرىنى مەيدانغا چىقىرىپ بېقىڭلار
|
|
قۇرئانغا تەئەررۇز قىلىشتا ئاللاھتىن باشقا ياردەمچىڭلارنىڭ ھەممىسىنى ياردەمگە چاقىرىڭلار
|
|
قۇرئان ئىنساننىڭ سۆزى دېگەن گېپىڭلاردا راستچىل بولساڭلار
|
|
ئەگەر مۇنداق قىلالمىساڭلار ھەرگىزغۇ قىلالمايسىلەر
|
|
كاپىرلار ئۈچۈن تەييارلانغان ئىنسان ۋە تاشلار يېقىلغۇ بولىدىغان دوزاختىن ساقلىنىڭلار
|
|
ئەي مۇھەممەد
|
|
ئىمان ئېيتقان
|
|
ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلارغا ئۇلارنىڭ ئاستىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەرگە كىرىدىغانلىقى بىلەن خۇش خەۋەر بەرگىن
|
|
ئۇلار جەننەتنىڭ بىرەر مېۋىسىدىن رىزىقلاندۇرۇلغان چاغدا بۇنىڭ بىلەن بۇرۇن دۇنيادىمۇ رىزىقلاندۇرۇلغان ئىدۇق دەيدۇ
|
|
ئۇلارغا كۆرۈنۈشى دۇنيانىڭ مېۋىلىرىگە ئوخشايدىغان تەمى ئوخشىمايدىغان مېۋىلەر بېرىلىدۇ
|
|
جەننەتلەردە ئۇلارغا پاك جۈپتىلەر بېرىلىدۇ يەنى ھۆرلەر بېرىلىدۇ
|
|
ئۇلار جەننەتلەردە مەڭگۈ قالىدۇ
|
|
ئاللاھ ھەقىقەتەن پاشا ۋە ئۇنىڭدىنمۇ كىچىك نەرسىلەرنى مىسال قىلىپ كەلتۈرۈشتىن تارتىنىپ قالمايدۇ
|
|
مۆمىنلەر بولسا ئۇنى پەرۋەردىگارى تەرىپىدىن نازىل بولغان ھەقىقەت دەپ بىلىدۇ
|
|
كاپىرلار بولسا ئاللاھ بۇ نەرسىلەرنى مىسال قىلىپ كەلتۈرۈشتىن نېمىنى ئىرادە قىلىدۇ دەيدۇ
|
|
ئاللاھ بۇ مىسال بىلەن نۇرغۇن كىشىلەرنى ئازدۇرىدۇ ۋە نۇرغۇن كىشىلەرنى ھىدايەت قىلىدۇ
|
|
يەنى نۇرغۇن كىشىلەرنى ئۇنى ئىنكار قىلغانلىقتىن ئازدۇرىدۇ
|
|
ۋە ئۇنى تەستىقلىغانلىقىدىن نۇرغۇن كىشىلەرنى ھىدايەت قىلىدۇ
|
|
شۇ ئارقىلىق پەقەت پاسىقلارنىلا ئازدۇرىدۇ
|
|
پاسىقلار ئاللاھ ۋەدە ئالغاندىن كېيىن بەرگەن ۋەدىسىنى بۇزىدۇ
|
|
ئاللاھ ئۇلاشقا بۇيرۇغان شەيئىنى ئۈزۈپ قويىدۇ يەنى سىلەرەھىم قىلمايدۇ
|
|
يەر يۈزىدە بۇزۇقچىلىق قىلىدۇ ئەنە شۇلار زىيان تارتقۇچىلاردۇر
|
|
ئاللاھنى قانداقمۇ ئىنكار قىلىسىلەركى جانسىز ئىدىڭلار ئاللاھ سىلەرگە جان بەردى
|
|
يەنى ئاتاڭلارنىڭ پۇشتىدا ئاناڭلارنىڭ قارنىدا ئابىمەنى ئىدىڭلار
|
|
كېيىن ئەجىلىڭلار توشقاندا ئاللاھ جېنىڭلارنى ئالىدۇ
|
|
ئاندىن كېيىن تىرىلدۈرىدۇ ئاندىن كېيىن ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا ھېساپ بېرىش ئۈچۈن قايتۇرۇلىسىلەر
|
|
ئاللاھ يەر يۈزىدىكى ھەممە نەرسىنى سىلەر نىڭ پايدىلىنىشىڭلار ئۈچۈن ياراتتى
|
|
ئاندىن ئاسماننى يارىتىشقا يۈزلىنىپ ئۇنى قۇسۇرسىز يەتتە ئاسمان قىلىپ تاماملىدى
|
|
ئاللاھ ھەر نەرسىنى بىلگۈچىدۇر
|
|
ئۆز ۋاقتىدا پەرۋەردىگارىڭ پەرىشتىلەرگە مەن يەر يۈزىدە خەلىپە يارىتىمەن دېدى
|
|
يەنى يەر يۈزىدە ئورۇنباسار يارىتىمەن دېدى
|
|
پەرىشتىلەر يەر يۈزىدە بۇزۇقچىلىق قىلىدىغان قان تۆكىدىغان شەخىسنى خەلىپە قىلامسەن
|
This dataset is from https://github.com/gheyret/UQSpeechDataset
{UQSpeech,
author = {Gheyret Kenji},
title = {UQ Awaz Ambiri},
howpublished = {https://github.com/gheyret/UQSpeechDataset/},
year = 2019
}